شاۋگۈەن قىرغىنچىلىقى

Поділитися
Вставка
  • Опубліковано 3 жов 2024
  • ئۈرۈمچى 5. ئىيۇل قىرغىنچىلىقى
    خىتاي ئىشغالى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5- ئىيۇل قىرغىنچىلىقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىن زامان تارىخىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك كۈنلەردىن بىرى.
    بۇ قىرغىنچىلىقتا 3000 دىن جىق ئۇيغۇر خىتاي ئارمىيە ۋە ساقچىلىرى، خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن شېھىت قىلىندى، ئونمىڭدىن جىق كىشى تۇتقۇن قىلىندى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلىغان ئىستاتىستىكىسىدا، ۋەقەدە 197 كىشى ئۆلگەن، 1721 كىشى يارىلانغان دەپ ئېلان قىلدى. شۇنداقلا بۇ ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنى خىتاي پۇقرالىرى دەپ ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان جىنايىتىنى يۇشۇرۇشقا ۋە خەلقئارا جەمىيەتنى ئالداشقا ئورۇندى.
    ، 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئوت پىلتىسى دەپ قارىلىدىغان «شاۋگۈەن قىرغىنچىلىقى» يۈز بەردى
    ئۇ كۈنى، گۇاڭدۇڭنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدىكى شۇرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان 800 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئىشچى كېچىلىك ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتقاندا، پىلانلىق ھالدا زاۋۇتتىكى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى مىڭلارچە خىتاي شوۋېنىستلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. خىتايلار قۇلىدا پالتا-پىچاق ۋە تۆمۈر كالتەك بىلەن قوراللىنىپ بىگۇناھ ئۇيغۇر ئىشچىلارنى قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرۇپ نەچچە يۈز كىشىنى ئېغىر يارىلاندۇرغان ۋە رەھىمسىزلەرچە كالتەكلەپ ئۆلتۈرگەن ئىدى.
    شۇنداقلا ئۇ كۈنى تارقالغان سىن كۆرۈنۈشى كىشىنى ھەقىقەتەن قورقۇنچقا سالاتتى،
    شۇ كۈنى كېچىسى تارقالغان زاۋۇت قورۇسىنىڭ قانغا بويالغان سىن كۆرۈنۈشى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە ھېچقانداق سادا يوق ئىدى. ئەكسچە ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۈكۈمەتنىڭ قورچاق رەئىسى نۇر بەكرى « بەزى ئۇيغۇرلار يەرلىكلەرگە پوخۇرلۇق قىلغاچقا، يەرلىكلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان» دەپ، گۇناھنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىشقا ئورۇنۇۋاتاتتى.
    بۇ ۋاقىتتا، بۇ خەۋەر ئۇيغۇر بىز ، دىيارىم، سەلكىن تورلىرىدا ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. شۇ ۋاقىتتا نەق مەيداندىن قېچىپ قۇتۇلغان، تور بەتكە ئىنكاس شەكىلدە يازغان ، بىر ياشنىڭ يازمىسىدا شۇنداق بايانلار بار« ئاخشامقى ۋەقەدە ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 200 دىن جىق كىشى ئۆلدى،يارىلاندى. تاڭ ئاتقۇچە بىرمۇ ساقچى كەلمىدى،بىز ھازىر يۈزگە يېقىن كىشى زاۋۇتنىڭ ئارقا تەرەپتىكى تاغ تۆپىدىكى ئورمانغا يۇشۇرۇندۇق. تاڭ ئاتقاندا شەھەرگە كىرىپ تورخانىدىن بۇ ئەھۋالنى يېزىۋاتىمىز. شەھەرگە كىرگۈچە يول بويىدىكى خىتايلارمۇ بىزگە تەھدىت سالدى ۋە بىزگە مايمۇننى تاماشا قىلغاندەك قاراشتى» ..
    بولۇپمۇ بۇ يەردە ئەڭ دىققەتنى قوزغايدىغىنى، بۇ ھۇجۇم ئاشۇنداق دەھشەت بىلەن سەھەر سائەت 4 كىچە داۋام قىلسىمۇ، شۇ ۋاقىتقىچە بىرەر ساقچى كەلمىگەنلىكى، ياكى ئۇلارنى بىرەرىنىڭ توسۇپ قالمىغانلىقى ئىدى.
    شۇ چاغدا مەزكۇر قانلىق ۋەقەنىڭ جەريانلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالدى، بولۇپمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە، خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ چ چ توپلىرىدا ناھايىتى كەڭ تارقالغان ئىدى. ئەينى چاغدا زاۋۇتنىڭ ياتاق بىنالىرىدىن بۇ قانلىق مەنزىرىنى تاماشا قىلىۋاتقان خىتايلار ئۇيغۇرلار ھۇجۇمغا ئۇچرىغان كۆرۈنۈشلىرىنى خۇددى بىر غەلىبىنى تەنتەنە قىلغاندەك بىر بىرىگە ئەۋەتىشىپ ناھايىتى كەڭ تارقاتقان بولۇپ، تېخى ئىنكاسلاردا قانچە ھايۋان ئۆلۈپتۇ؟ دېگەن سوئاللارمۇ ئۇچرايتتى.
    ھەتتا بىر قىسىم ۋىدىيولاردا بۇ قانلىق زوراۋانلىقنى تاماشا قىلغاچ ۋىدىيوغا تارتىۋاتقان خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان خىتايلارغا ۋارقىراپ تۇرۇپ «ئاۋۇ يەردە بىر كاۋاپچى بار، ئەنە ئاۋۇ يەرگە بىرى يوشۇرۇنۇۋالدى» دەۋاتقان ئاۋازلىرىمۇ بار ئىدى.
    ئەينى ۋاقىتتا بۇ ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدىمۇ پەرقلىق مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، بىر قىسىم شاھىتلار ۋەقەدە ئاز دېگەندە 40-50 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالسا، خىتايدىكى سىنا، تېڭشۈن، بوشۈن قاتارلىق خىتايچە تور بەتلىرى 12 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا رەسمىي باياناتىدا ھەر ئىككىلىسى قەشقەرنىڭ توققۇزاق ناھىيەسىدىن كەلگەن ھاشىمجان ئەمەت ۋە سادىقجان غازى ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 80 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ يېنىك دەرىجىدە يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
    مانا مۇشۇنىڭدەك، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىقى ۋە بىرمۇ خىتاينى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتماسلىقى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نارازى قىلىپ، زور جامائەت پىكىرى ھاسىل قىلغان، نەتىجىدە ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان چاقىرىقلارغا ئاساسەن، 5-ئىيۇل كۈنى نەچچە مىڭلىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تىنچلىق بىلەن ئادالەت تەلەپ قىلىپ، ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا چىقىپ تىنچ نامايىش قىلىپ، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىدا ھۆكۈمەتتىن بۇ ئادالەتسىزلىككە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەپسۇس، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تىنچ نامايىشنى قانلىق باستۇرۇپ «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى.
    ئۇ كۈنى، خىتاي ھەربىي ۋە ساقچىلىرى رەسمى قىرغىنچىلىققا ئۆتكەندە كوچا چىراقلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، كوچىدا يۈرگەنلىكى ئۇيغۇرنى ئوققا تۇتقان ئىدى. خىتاي ھەربى ۋە ساقچىلىرى 5- ئىيۇل كېچىسى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان، راھەتباغ، ئات بەيگە مەيدانى، دۆڭكۆۋرۈك، بۇلاقبېشى، ئات بازىرى، داۋەن، يوپۇرغا مەھەللىسى، باخۇلىياڭ، ئىتتىپاق يولى، تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئەتراپى، جەنۇبىي قۇۋۇق، جەنۇبى ۋوگزال ئەتراپى، يامالىق قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇرلارغا قارىتا قانلىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى قانغا بويىسا يەنە كېچىچە تۇتقۇن قىلىش، ئوققا تۇتۇش ئارقىلىق، ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات كوچىلىرىنى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويىدى.

КОМЕНТАРІ • 4