كونيا ئاتىلار سۆھبىتى 9- قىسىم (ئائىلىدە دىنىي تەربىيە قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟ 4 قىسىم)
Вставка
- Опубліковано 7 лют 2025
- تۆتىنچى مۇھىم نۇقتا: بالىلارنىڭ دوستى. (يەنى دوستلۇقنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى). دوست بالىلارنىڭ تەربىيەسىگە ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بالىلار دوست تاللاشتا بەك دىققەت قىلىشى كېرەك! بالىلىرىمىز قايسى تىپتىكى بالىلار بىلەن كۆپرەك ئارىلاشسا ئۇلارنى دوراش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. دوستلۇق بىر چەمبىرەكتۇر. دوستنىڭ بالىغا بېرىدىغان تەسىرى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بېرىدىغان تەسىرىدىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دوست تۇتۇش توغرىسىدا : «ئىنسان دوستىنىڭ دىنىدا بولىدۇ (يەنى دوستى قانداق بولسا، شۇنداق بولۇپ قالىدۇ). شۇڭا، سىلەر دوست تۇتىدىغان كىشىلەرنى تاللاشتا بەك دىققەت قىلىڭلار» دەپ تەۋسىيە قىلغان (ئىمام ئەھمەد بايان قىلغان). شۇڭا ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى لازىم: 1. بالىلىرىمىزغا ئائىلىدە دوست تاللاشنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۇشەندۇرىشىمىز لازىم. 2. ئاتا-ئانىلار ئائىلە دوستلۇق مۇناسىۋەتتە بالىلىرىمىزغا ياخشى تەسىر بېرىشىمىز لازىم. 3. بالىلارنىڭ دوستلىرىغا باشلانغۇچتىن باشلاپ دىققەت قىلىشىمىز لازىم. 4.بالىلىرى ئەخلاقلىق بولغان ئائىلە بىلەن ئارىلىشىش ئارقىلىق بالىلىرىمىزنىڭ دوست بولۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىمىز لازىم. 5. بالىلىرىمىزنىڭ دوستلۇق ئىپادىلىرىگە دىققەت قىلىشىمىز لازىم.
رەھمەت دۆلەتزادە🤝🤝🤝 رەھمەت